باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان بانكىسىنىڭ ئافرىقا رايونىدىكى مەركىزى قۇرۇلدى

2017.08.25 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

  ئالتۇن كېسەك ئەللىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئافرىقا رايونىدىكى مەركىزى 17-ئاۋغۇست جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇھاننىسبۇرگتا قۇرۇلدى. بۇ يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرغان تۇنجى رايون مەركىزى.

  شۇ كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ئافرىقا رايونى مەركىزىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا رايونى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى بىر تارىخىي خاراكتىرلىك پەيت، ئۇ ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى قەتئىي ئېرادىسىگە ۋەكىللىك كىلىدۇ. بۇ ۋەدە ئالتۇن كېسەك ئەللىرى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئالتۇن كېسەك ئەللىرىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە پۈتكۈل ئافرىقا ۋە پۈتكۈل تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يەنە برازىلىيە، رۇسىيەدە رايون مەركىزى قۇرۇش ئويى باركەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر