باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك ئاتىسى جىم ئونىئېل: ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ يەرشارى خاراكتىرلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىستىقبالى بار

2017.08.25 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك ئۇقۇمىنىڭ ئىجادچىسى، ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق سودا ۋەزىرى جىم ئونىئېل يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك ئۇقىمى ئوتتۇرغا قويۇلغان 16 يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇقۇم، مەن كەلگۈسىدە ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ ساغلاملىق، نامراتلىقنى تۈگۈتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشىنى كۈتمەكتىمەن.

  ئونىئېل مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دېگەن ئۇقۇم ئوتتۇرغا قويۇلغان 16 يىلدىن كېيىن، ئالتۇن كېسەك ئەللىرىنىڭ يەرشارى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى نىسسبىتى ئىلگىركى ھەر قانداق تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن يۇقىرى بولدى، ئالتۇن كېسەك سۇسلاشتى دېيىش ناھايىتى كۈلكىلىك.

  ئونىئېر پات ئارىدا شامىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق كۆرۈشىشى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يىغىندىن بۇرۇن ئالتۇن كېسەك ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىقتىساد پۇل مۇئامىلە، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش، بىخەتەر ئالاقىلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولۇپمۇ بازارنى ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇش، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادى تېخىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپلەر ئىنتايىن ياخشى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ناۋادا ئالتۇن كېسەك ئەللىرى سودىنى قوزغىتىش سىياسىتىنى غەلبىلىك تۈزۈپ چىقالىسا، بۇ بۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر