- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مو جيەنچېڭ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ
2017.08.28 13:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مو جيەنچېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .
مو جيەنچېڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
مو جيەنچېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1956- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى شېڭخۇ دېگەن جايدىن، 1977- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1972- يىلى 2- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر