باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات، تارىخ دەرىسلىكلىرى ئىشلىتىلىدۇ

2017.08.29 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ 28- ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يېڭىدىن تۈزگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات، تارىخ دەرىسلىكى 1-سېنتەبىر كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ باشلانما سىنىپلىرىدا ئىشلىتىلىدىكەن.

  2012-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش تەشكىللەپ تۈزگەن بۇ ئۈچ دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى بەش يىلدا تاماملانغان. بىر تۇتاش تۈزۈش، بىر تۇتاش ئىشلىتىش، ئۈچ يىلدا ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا بۇ بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك ئىشلىتىلىدىكەن، 2018- يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- ۋە 2-يىللىقىنى قاپلايدىكەن، 2019-يىلى بارلىق يىللىقلاردا بۇ بىر تۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك ئىشلىتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئەسلىدىكى ئەخلاق دەرسىنىڭ ئورنىغا ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسلىكى تەڭشەلگەن، بۇ دەرسلىكتە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، قانۇن ئىدارە قىلشى تەربىيەسى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئېڭى تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار باش تېمىلىق مەزمۇن قىلىنغان، شۇنداقلا جۇڭگو ئارزۇسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارشى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلار مەخسۇس تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش دەرسلىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-قىسمى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 2- قىسمى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى مەخسۇس دەرىسلىكى قىلىنغان بولۇپ، ئاساسىي قانۇن مەركەزلىك سۆزلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر