باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ چېگرا سىرتىدا كارتا ئىشلىتىش سوممىسى 1000 يۈەندىن ئاشسا مەلۇم قىلىنىدۇ

2017.08.31 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بانكا كارتىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سودا ئىستاتىستىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى سودا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، چېگرا ئىچىدىكى كارتا تارقىتىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى چېگرا ئىچىدىكى بانكا كارتىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئالغان نەق پۇلى ۋە يەككە قىممىتى 1000 يۈەندىن يۇقىرى ئىستېمال سودا ئۇچۇرىنى تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇش تاشقى پېرېۋوت يېڭى بەلگىلىمىسى بولماستىن، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ئۇچۇر يوللاش بولۇپ، بانكا كارتىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ ۋە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ. بانكا كارتىسىنى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئۇلاش، بانكا كارتىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سودا ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن چېگرا ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەزكۇر بانكا كارتىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سودا كەسپىنى ئېچىشتىكى مۇھىم شەرتىگە ئايلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر