باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەل جايىدا يۆلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش كېرەك

2017.08.30 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي ۋە غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شەرقىي ۋە غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈر مەبلىغى بىلەن مەدەت بېرىش، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا بىلەن قوللاش، كەسپ تەرەققىياتى جەھەتتە ھەمكارلىشىشتا خىزمەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بۇننى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، نامراتلارنى دەل يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەڭ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليۇرىقىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دەل جايىدا يۆلەشنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شەرقىي ۋە غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر