باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلانىغا قاتناشقانلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى

2017.08.29 14:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› (ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار 2 ياكى 3 يىللىق مۇددەت بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، دېھقانچىلىق، مائارىپ، داۋالاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش) پىلانى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 12 يىللىقى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلانى بويىچە ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىش مۇددىتى توشقان 15مىڭ 455 پىدائىينى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقۇشىمىزچە، 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئاپتونوم رايون ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىپ، ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلانىغا قاتنىشىپ، مۇلازىمەت قىلىش مۇددىتى توشقان 100 پىدائىينى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشكە قاتناشقان 24 ياشلىق قازاق قىز سالىنا ساكەن مۇنداق دېدى: ھازىر مېنىڭ خىزمەت تەجرىبەم بار، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ئارقىلىق قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشەنچىم ئاشتى، كەسپىي ساپايىم يەنە بىر بالداق ئۆستى، بۇنىڭدىن كېيىن نەگە بېرىپ خىزمەت قىلسام، چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيمەن. بۇ خىلدىكى تەربىيەلەشتىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› پىلان مۇددىتى توشقان پىدائىيلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ پىلاننىڭ جايىدا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھام بېرىپ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان پىدائىيلارنى داۋاملىق ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان. مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلاردىن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، 3 يىل ئىچىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئالغانلارنى دەسلەپكى سىناقتا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىپ، خىزمەتكە ئالدىن قوبۇل قىلغان. كەسپىي تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەردىن پىلان مۇددىتىدە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى چوڭلار مائارىپى بويىچە تولۇق كۇرسقا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر