باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىلھام بەردى

2017.08.30 15:23   مەنبە: خەلق تورى

خىزمەت ئەترىتى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىلھام بەردى

  سۈرەتتە: ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدىن سىدىق مىجىت، قەمبەرنىسا قۇربان خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بورۇن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 4-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە توقسۇ ناھىيەسنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 2017-يىللىق «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقى ياخشى، ئۆگنىشتە ئەلا بەش ئوقۇغۇچىغا 22 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، قىيىنچىلىقى بار بەش دېھقان پەرزەنتىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

  «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 4-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر جېجياڭ ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم مەبلىغى بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە قانات يايدۇرغان پائالىيىتى بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى قىيىنچىلىقى بار دېھقان ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان ئەل رايى قورۇلۇشى پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 4-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ يىلدىن باشلاپ «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى كەنتتە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىساد يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك پەرزەنتىنى يۇقىرى ئۆرلىتىپ ئوقۇتالماسلىق، ئوقۇشىنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويۇش قاتارلىق خىلمۇخىل ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇ پائالىيەتنى نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يۇلى قىلىپ، ئوزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار بۇ خىزمەتنى ئىشلەش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلش، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش، مەخسۇس ئارخىب تورغۇزۇش، تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىشلەپ، نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچپ، ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم سوممىسىنى كۆپەيتتى.

  8-ئاينىڭ ئوتتۇلىرى، ئەكبەر مەمەت شىنجاڭ تۈمۈريول كەسپىي ئىنستىتۇتىغا ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىق ئوقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشاللىق ئىچدە ئەپسۇسلاندى. چۈنكى ئەكبەر مەمەت ئائىلىسىدىكى تۆت جان كىشى ئائىلىسىنىڭ ئازغىنە 7مو تېرىلغۇ يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولغاچقا، ئەكبەر مەمەتنىڭ ئوقۇش پۇلى بۇ ئائىلە ئۈچۈن چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 4-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە توقسۇ ناھىيەسنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋاللارنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا يوللاش ئارقىلىق، جېجياڭ ئۆلكىلىك قىزىل كىرېست جەمئىيتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئەكبەر مەمەت قاتارلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بەش ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى» پائالىيىتىدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردە تورۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئائىلىسى نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغىلا ياردەم بېرىشنى ئائىلىسىگە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىشكە ئۆزگەرتىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى نامرات دېھقان-چارۋىچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشتىكى ھەققىي ئەل رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇردى.

  توقسۇ ناھىيەسى يۇلتۇزباغ بازىرى ئۈجمەئېرىق كەنتىدىن غونچەم رۇزى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دىدى: «بۈگۈن كەنتىمىزدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 4-تۈركۈمدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە ئۈجمەئېرىق كەنىتمىزگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى، مېنىڭ ئوغلۇممۇ 4000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خوشال. ھازىر كەنتىمىزدە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مائارىپنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى يىلدىن-يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پاتىيە-ھۆكۈمەتكە رەھمەت. »

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى