باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدە ئاز دىگەندە 90 ئادەم سېسترانىڭ قاتىللىق دېلوسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

2017.08.29 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى گېرمانىيە سوت مەھكىمىسى ئەر سېسترا نېلىس. H گە ئىككى بىمارنى دورا-ئوكۇل بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، دەپ كېسىم چىقىرىپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ 28-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نېلىس ئاز دېگەندە 90 بىمارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گېرمانىيەدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.

  يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ، ئۈچ يىلغا سوزۇلغان تەكشۈرۈش ئاساسىدا چىقىرىلغان خۇلاسە بولۇپ، 28-ئاۋغۇست گېرمانىيە ساقچى تەرەپ ۋە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان.

  بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن نېلىس ئىلگىرى گېرمانىيە تۆۋەنكى ساكسون ئىشتاتىنىڭ دېلمېنخورست ۋە ئولدېنبۇرگ دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە خىزمەت قىلغان. ئۇ 2003-يىلىدىن 2005- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا كېسىلى ئېغىر بىمارغا يۇقىرى مىقداردىكى دورىنى ئوكۇل قىلىپ، بىمارنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جاۋابكارنىڭ دېلو سادىر قىلىشتىكى مۇددىئاسى بولسا، ئېغىر كېسەللەرنى پەرۋىش قىلغاندىكى جىددىي ئەھۋالدا، ئۆزىنىڭ سەككراتتىكى بىمارنى ئازاپتىن قۇتقۇزۇشتىكى قابىلىيىتىم، دەپ قارىغان.

  ساقچى تەرەپ 28–ئاۋغۇست ھۆكۈم ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: نېلىسنىڭ قىلمىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۆلگەن 130 بىمارنىڭ يەرلىكىنى ئېچىپ جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئاز دېگەندە ئۆلگەن 90 بىمارنىڭ زىيادە كۆپ دورا-ئوكۇل ئۇرۇلۇپ ئۆلگەنلىكىنى، لېكىن يەنە نۇرغۇن بىمارنىڭ مىيىتى كۆيدۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئامال بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

  جاۋابكار 2005-يىلى يازدا بىر قېتىم بىمارغا كۆپ مىقداردا دورا-ئوكۇل ئۇرغان نەق مەيداندا، بىر ئايال خىزمەتدىشى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. 2015-يىلى سوت نېلىس ئىككى بىمارنىڭ يۈرىكىگە دورا كىرگۈزۈپ قەستەن ئۆلتۈرگەن، دەپ قاراپ، نېلىسقا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر