باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىي قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتتى

2017.08.30 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىي خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىش، قانۇن-تۈزۈمگە بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى بىلىش، قانۇن-تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتە ياخشى بولغان قانۇن-تۈزۈم كەيپىياتىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە مەخسۇس تېمىلىق «قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى» ئېلىپ باردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى «جۇڭخۇا خەلق قۇمھۇريىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زولمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»... قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىن ئەتراپلىق دەرس تەييارلاپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرىگە بېرىپ 42 مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ ئاممىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى يوقىرى كۆتۈردى.

  يېڭىئېرىق يېزىسى چاچى كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل ئەھەت مۇنداق دېدى: ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن كەلگەن تەشۋىقاتچىلارنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نىزامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ 14 تۈرلۈك كونكرېت ئىپادىسىنى بىلىۋالدىم. ئائىلە زۇلمىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئارا ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، ناكا قىلىپ قويۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، شۇنىڭدەك دائىم ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي، روھىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئائىلە زۇلمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، تولىمۇ ھاياجانلاندىم.

  ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى كەلپىن كەنت ئاھالىسى ئايتۇرسۇن ساۋۇت مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى بالا تۇغۇش، ئەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى بالا تېپىش، بالا دېگەننىڭ ئېغىرىنى يەر كۆتۈرىدۇ، رىزقىنى ياراتقۇچىنىڭ ئۆزى بېرىدۇ، دېگەنلىرىنىڭ قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوقكەن. ئۇلار ئۇچۇق-ئاشكارا ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»غا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەتتە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى قانۇن-تۈزۈم لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قانۇن-تۈزۈم كۆز قارىشىم يېڭىلاندى، نېمىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەت، نېمىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدىم.

  ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇزەپپەر ئۆمەر مۇنداق دېدى: مەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»نى لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى؛ ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئىلغار مائارىپتىن باراۋەر بەھىرمەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پاتەم قادىر مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش»نى دائىملاشتۇرۇپ، ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالدۇق. تەشۋىقاتچىلىرىمىزنىڭ لېكسىيەسى كەڭ ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقتى، ئۇسسىغان-چاڭقىغان يېرىگە باردى. خەلق ئاممىسىنڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن تەشۋىقات پائالىيىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتتۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر