باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەش تارماق قانۇن ياردىمى ئادۋوكات دىجورنىلىكى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرىنى تارقاتتى

2017.08.29 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تارقاتقان «قانۇن ياردىمى ئادۋوكات دىجورنىلىكى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)، قانۇن ياردىمى ئادۋوكات دىجورنىلىكى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  قانۇن ياردىمى ئادۋوكات دىجورنىلىكى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش __ قانۇندىن ياردەم بېرىدىغان دىجورنى ئادۋوكاتنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارغا ئۆز ۋاقتىدا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، مەركەزنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى ھەم قانۇن ياردىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ياردىمىدە سوتقا قاتنىشىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  يېڭىدىن تۈزۈلگەن «پىكىر»دە كۆرسىتىلىشىچە، قانۇن ياردىمى ئادۋوكات دىجورنىلىكى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، جىنايى ئىشلار قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇقنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر