باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ نامرات ئاھالە ئازايتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى

2017.08.30 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ 29- ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013- يىلىدىن 2016 ـ يىلىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە سانى 98 مىليون 990 مىڭدىن 43 مىليون 350 مىڭگە ئازايتىلىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون 910 مىڭ ئادەم ئازايدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ليۇ يۇڭفۇ 29-ئاۋغۇست 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  ليۇ يۇڭفۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: 2013-يىلىدىن 2016 ـ يىلىغىچە، يېزىلاردا نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %10.2تىن %4.5كە تۆۋەنلەپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.4 تۆۋەنلىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نامراتلارنى ئازايتىش كۆلىمى زورايتىلىپ، ھەر يىلى ئازايتىلغان نامراتلار سانى 10 مىليوندىن يۇقىرى بولدى. تۆت يىلدىن بۇيان نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئۇدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.7 ئەمەلىي ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر