باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئاياللار يېنىك دەرىجىلىكلەر تۆت كىشىلىك قوش پالاقلىق قولۋاق كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2017.08.29 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 28-ئاۋغۇست مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى مۇسابىقە كۈنىدىكى تالىشىش ئېلىپ بېرىلدى، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ يېنىك دەرىجىلىكلەر تۆت كىشىلىك ئىككى پالاقلىق قولۋاق مۇسابىقىسىدە، سىچۈەن كوماندىسى ئالتە مىنۇت 24 سىكۇنت 80 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى نۇرغۇن تۈرلەردە ئالتۇن مېدال تالىشىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قولۋاق ھەيدەش تۈرىدە بەش ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، قولۋاق ھەيدەش تۈرى ئۈچ مۇسابىقە كۈنى ئېلىپ بېرىلدى، بۇ تۈرنىڭ تۇنجى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، يەنى ئاياللار يېنىك دەرىجىلىكلەر تۆت كىشىلىك ئىككى پالاقلىق قوۋاق مۇسابىقىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى، ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىرلىق دەريا يولىدا، 6-يولدىكى سىچۇەن كوماندىسى گەرچە تۇنجى 500 مېتىردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كېيىن كۈچەپ، 1500 مېتىردىن كېيىن بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى، گەرچە ئاخىرقى باسقۇچتا سىچۈەن كوماندىسىنىڭ ئەۋزەللىكى كىچىكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ۋە جېجياڭ كوماندىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر