باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك

2017.08.29 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلار 55 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، «ھەممە يەرنى قۇم-تۇپا باسقان، قۇشلار قونغىدەك دەرەخمۇ تېپىلمايدىغان» چۆل-باياۋان، قۇملۇقتا جاپالىق كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، دەشت ـ باياۋاننى چەكسىز ئورمانلىققا ئايلاندۇرۇپ، مۆجىزە ياراتتى، سۈلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت سەيخەنبا روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تولىمۇ تەسىرلىك بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق مىسالى بولالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، توختىتىپ قويماي، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەۋلادلارغا ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل مۇھىت قالدۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر