باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككى مەھكىمە»گە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلىي قانۇنغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئاپپارات ۋە خىزمەت ھوقۇقى تەڭشىلىدۇ

2017.08.29 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 37 يىل يولغا قويۇلغان «خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» بىلەن «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» نى پات ئارىدا كەڭ دائىرىدە ئۆزگەرتىلىدۇ. 28-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان «خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» بىلەن «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» نى ئۆزگەرتىش لايىھەسىگە ئاساسەن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، خادىملارنىڭ تەركىبلىنىشى ۋە مەسئۇلىيىتى، خىزمەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى چوڭ تەڭشەيدۇ.

  ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە، «خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» نى ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە مۇنداق بەلگىلەندى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سەييارە سوت كوللېگىيەسى تەسىس قىلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان زور مەمۇرىي، ھەق-تەلەپ ۋە سودا دېلولىرىنى قاراپ چىقىدۇ؛ ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىشتات تارماقلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرقانچە خەلق سوتى تەسىس قىلسا بولىدۇ. «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنى» نى ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، مەمۇرىي رايون ھالقىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، رايون ھالقىغان دېلولارنى بېجىرسە بولىدۇ؛ ئۆلكە ۋە شەھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقىدار تاماقلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئالاھىدە رايونلاردا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى ۋاكالەت ئاپپاراتى قىلىپ تەسىس قىلسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر