- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالتە قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مەخسۇس فىلىم «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى» كۆرسىتىلىشكە باشلىدى
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى
2017.08.29 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى، تەقدىرى ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي گۈللىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى ئەمەلىيىتى، يېڭى نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش ئۈچۈن، مەركەز ئالتە قىسىملىق چوڭ تىپتىكى سىياسىي مەخسۇس فىلىم «چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى»نى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللەپ، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىش ۋە يۇغۇرۇلما تاراتقۇلار سۇپىسىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىشنى بېكىتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر