باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.08.30 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 38-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات−بىزنىڭ يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم تەرەپ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى جەزمەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات جاسارىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شەكىللەنگەن ئىسلاھاتتىكى يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى ۋە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بىرىكتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش جەھەتتە ئىزدىنىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنى تۆلەم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسى»، «كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «سودىيەلەر، پىروكۇراتورلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداشما ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى رامكا پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش دوكلاتى»، «نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بوشلۇق پىلانى(كۆپ قائىدىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن)نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى» قاراپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر