باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەت قانۇنىنىڭ ئەڭ يېڭى قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى

پايچىكلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلدى

2017.08.29 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 28- ئاۋغۇست «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ›جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى‹نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (4)نى ئېلان قىلىپ، پايچىكلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتتى.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى قارارىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى پايچىكلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، پايدا تەقسىملەش ھوقۇقى، ئالدىن سېتىۋېلىش ھوقۇقى ۋە پايچىكلار ۋەكىللىرىنىڭ دەۋا قىلىشى قاتارلىق بەش جەھەتتىكى ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، 2017-يىلى 9- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتى پايچىكلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، پايچىكلارنىڭ شىركەت قانۇنىنىڭ 33- ماددىسى، 97-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەمدە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەسلىي پايچىكلىرى بەھرىمەن بولىدىغان چەكلىك دەۋا قىلىش ھوقۇقىنى بېكىتتى؛ پايچىكلارنىڭ شىركەتنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈشىدىكى مۇمكىن بولغان ناتوغرا مەقسەتلەر توغرىسىدا مىسال كۆرسىتىپ، شىركەتلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىدىكى چېگرانى ئايدىڭلاشتۇردى؛ شىركەتلەرنىڭ شىركەت نىزامنامىسى، پايچىكلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پايچىكلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بىلىش ھوقۇقىدىن ماھىيەتلىك مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر