باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە نۇقتا توپ جېڭى كۆپ بولدى

2017.08.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۈرىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنىدە «ئاجايىپ ئىش» بولدى، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئەنئەنىۋى يەككە ئايلانما تۈزۈمى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھەر مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم يېڭىش- يېڭىلىشنى ئايرىش قائىدىسىگە ئۆزگەرتىلگەچكە، تۇنجى نۆۋەتلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا 90 مىنۇتتىن كېيىن نۇقتا توپ ئارقىلىق يېڭىش- يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم بارلىققا كەلگەن ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى شەھەرلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنىگە «يېڭىچە بىر خىل» تۇيغۇ قوشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر، ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 18 ياشتىن تۆۋەنلەر تۈرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ تۈر ئايرىم-ئايرىم ئەرلەر 20 ياشتىن تۆۋەنلەر، ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى شەھەرلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاياللار چوڭلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ ئۈچ تۈردە بىردەك «ئىككى قېتىم يېڭىلىپ شاللىنىش تۈزۈمى»گە ئوخشايدىغان يېڭى مۇسابىقە تۈزۈمى قوللىنىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر