باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۈيجۇنىڭ نايوڭ ناھىيەسىدە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يوقاپ كەتتى

2017.08.29 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئاۋغۇست سائەت 10دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، گۈيجۇنىڭ نايوڭ ناھىيەسى جاڭجياۋەن بازىرى پۇسا كەنتى داشۇجياۋ مەھەللىسىدە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىش يۈز بەردى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 34 ئائىلە ئاپەتكە چېتىشلىق بولۇپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئالتە كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى، يەنە 25 ئادەم يوقاپ كەتتى.

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۈيجۇ ئۆلكىلىك، بىجيې شەھەرلىك، نايوڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆز ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا قۇماندانلىق قىلدى ھەمدە ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، قوراللىق ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، دۆلەت زېمىنى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش قاتارلىق تارماقلاردىن خادىملارنى تەشكىللەپ، تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نەق مەيداندا تېزلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، قارىمىقىدىكى قۇتقۇزۇش قوماندانلىق گۇرۇپپىسى، تەرتىپنى قوغداش گۇرۇپپىسى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، ئەتراپتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قاتارلىق سەككىز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

  ھازىر، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر