باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 15 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ تۈزۈلگەن «مۇشتۇمزور بەلگىلىمە» توختامىنى ئېلان قىلدى

2017.08.31 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەتچى ئاپتوموبىلدىن ئايرىلىپ ساياھەت قىلغاندا، ئاپتوموبىلدىكى پۇل-مېلى يىتۈپ كەتسە، ئاپتوموبىل شىركىتى مەسئۇل بولمايدۇ؛ يېڭى ئۆي ئىگىلىرى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ، تېخى كۆچۈپ كىرمىسىمۇ، خوجىلىق شىركىتى خوجىلىق ھەققىنى ئېلىۋېرىدۇ... نۇرغۇن ئىستېمالچى تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ئوخشاش «مۇشتۇمزور بەلگىلىمە» توختامىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئەمدى بۇندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار بۇ خىلدىكى «مۇشتۇمزور بەلگىلىمە» توختامىغا دۇچ كەلسە ئەرز قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئالاقىدار كارخانىلار ۋە تىجارەتچىلەرمۇ جازاغا تارتىلىدۇ.

  30-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ش ئۇ ئا ر ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 3-تۈركۈمدىكى ئادىل بولمىغان توختام نۇسخىسى، توختام ماددىلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى. چېتىلىدىغان مەزمۇنى ساياھەت، ئۆي-زېمىن خوجىلىق مۇلازىمىتى، ئاپتوموبىل سېتىش ۋە جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق تۆت ساھەدە ساقلىنىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ، ئادىل بولمىغان 15 خىل توختامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق توختام ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، «مۇشتۇمزور بەلگىلىمە» توختامىغا قارشى تۇرۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى قوغدىلىدۇ.

  كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە «مۇشتۇمزور بەلگىلىمە» توختامىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەگەر تۈزىتىشنى رەت قىلىپ تۈزەتمىگەنلەر بولسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش (بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش) تارماقلىرى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى» ۋە «توختام قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر