باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش «ئەخلاق دەرسخانىسى» پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامدا قانات يايدۇرۇلدى

2017.08.30 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بەشئېرىق بازىرى دوڭقىشلاق 1-كەتنتىگە بېرىپ «ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىش ‹ئەخلاق دەرسى› ئاساسىي قاتلامدا» مەخسۇس تېمىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلغان، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئالىجاناپ روھىدىن ئۆگىنىشنى چاقىرىق قىلدى.

  دوڭقىشلاق 1-كەنتى 3-مەھەللىسىنىڭ ئەزاسى ئەرشىدىن توختى مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن كەنىتىمىزنىڭ «ئەخلاق دەرسخانىسى»دا مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئۇنىڭ جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، جاپا تارتىشتا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرىغان كوممۇنىستىك پەزىلىتى مەندە ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى.

  دوڭقىشلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەخمۇتجان مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى «ئەخلاق دەرىسخانىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەگە ئىگە قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات مەركىزىدىن كەلگەن تەشۋىقاتچىلار پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەققىدە چاقىرىپ ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق. بىزمۇ كەنتىمىزنىڭ «ئەخلاق دەرسخانىسى»دا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ دىققىتىنى باش نىشانغا تېخىمۇ مەزكەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشانغا بويسۇنۇپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر