باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى داۋاملىق دوڭلاڭ رايونىدا چارلاپ مۇداپىئە قىلماقتا، دېدى

2017.08.30 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 29-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستاننىڭ چېگرادىن ئۆتكەن خادىملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ھىندىستان چېگراسى تەرىپىگە پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلدى، جۇڭگو چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى داۋاملىق دوڭلاڭ رايونىدا چارلىماقتا.

  شۇ كۈنلۈك قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېگرانى قوغداش ئېھتىياجى ۋە شۇ جايدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ئۇزۇندىن بۇيان دوڭلاڭ رايونىدا يول ياساشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ: «بىز ھاۋارايى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئىشلەيمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر