خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 20 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ب گۇرۇپپىسى 3-مەيدان مۇسابىقىسى تيەنجىن تۇەنبو پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىلەن لياۋنىڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۆزئارا مۇسابىقىلەشتى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 0:0 تەڭلىشىپ قېلىپ، نۇقتا توپ جېڭىغا كىردى، شىنجاڭ كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭىدا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا يېڭىلىپ قالدى.
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن، ئىككىلا تەرەپ بىر قەدەر ئاكتىپ ھۇجۇم قوزغاپ ئوينىدى. مۇسابىقىنى كونترول قىلىش جەھەتتە، لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشىراق بولدى، لېكىن تەلىيى تازا ئوڭ كەلمىدى، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ بىر قانچە قېتىملىق ۋاراتارغا ئۇرۇش پۇرسىتىنى ياخشى تۇتالمىدى. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ جېڭىغا كىرىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 4 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇخەمىت مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كوماندىمىز ناھايىتى ياش، مۇسابىقە تەجرىبىسى مول ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى رەقىبىمىز بولغان لياۋنىڭ كوماندىسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك مۇھىم مۇسابىقىلەردە بىزدەك مۇسابىقە تەجرىبىسى بىر قەدەر مول بولغان ئەزالار چوقۇم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆپچىلىكنى باشلاپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمىز كېرەك. مۇسابىقە بەلگىلىمىسى بويىچە بولغاندا، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ يەنە بىر مەيدان پۇرسىتىمىز بار، ئۇتساق 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ساننى تالىشالايمىز. كېيىنكى مەيداندا بىز چوقۇم ئۆزىمىزدىكى ھەممە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ يېڭىشكە تىرىشىمىز، مەن بىزنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرەلىشىمىزگە ئىشىنىمەن. مېنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل!»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى