باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل چېگرانى ئېچىۋېتىپ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش قارارى چىقارغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن، دېدى

2017.08.30 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى ئەنگېلا مېركېل دەم ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سايلام جېڭىگە ئاتلاندى، 27-ئاۋغۇست تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرانى ئېچىۋېتىپ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغانلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاقلىدى.

  شۇ كۈنى «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىر ئۇنىڭدىن 2015 -يىلى ئاپەتكە ئۇچرىغان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى جاكارلىغانلىقى ھەققىدە سورىغاندا، مېركىل ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ قارارنى چىقارغانلىقىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۇ چاغدا، نۇرغۇن مۇساپىر ياۋروپا دۆلەتلىرى چېگراسىدا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان ئىدى. مېركىل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چېگرانى ئېچىۋەتكەن، بىر يىل ئىچىدە 1 مىليوندىن كۆپرەك مۇساپىر گېرمانىيەگە بۆسۈپ كىرگەن. ئارقىدىنلا مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن گېرمانىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. مېركىل ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنى قوللاش نىسبىتى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىپ، بىر قېتىملىق غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى.

  زىيارەت جەريانىدا، مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015-يىلى مۇساپىرلار ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن بولدى، مېنىڭچە «ئۇ ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، مەن سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ توغرا قارار چىقاردىم دەپ قارايمەن»، دېدى.

  مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ھازىرغىچە گېرمانىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە سەزگۈر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مېركىل رەھبەرلىك قىلغان خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ قېرىنداشلار پارتىيەسى ئىككى يىلدىن بۇيان مېركىل يولغا قويغان مۇساپىرلار سىياسىتى بىلەن ئارىلىق ساقلاپ كەلدى، خىرىستىيان دېموكراتلار ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىزچىل ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ساقلاندى، بۇ ئۇسۇل ھېسسىياتقا بەك بېرىلىپ كەتكەنلىك، دەپ قارالدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 27-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 63 ياشلىق مېركىل ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئالدىدا مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بار. لېكىن، مەن ئاشۇ چاغدا چېگرانى ئېچىۋېتىش قارارى چىقارغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن.

  مېركىل يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ يىلى يۈز بەرگەندىكىگە ئوخشاش مۇساپىرلار كىرىزىسى يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇن تەدبىر قوللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر