باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇدا 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە ھاراق ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ

2017.08.30 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش قارىمىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىدە ھاراق ئىچىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىنى ھەرقانداق ھاراق تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەش بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ، ھەم شۇنداقلا، مەيلى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن ھەرقانداق ھاراقلار بولسۇن، ياكى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ھاراقلار بولسۇن، ئۇلارنى ئىچىشكە بولمايدۇ.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈش قىلمىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى چىڭىتقان. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 394ىنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر قايسى شەھەر (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لاردا «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇش ۋە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، تۇڭرېن شەھىرىدىكى قىسمەن رايون ۋە ناھىيەلەردە چوڭ تىپتىكى يىغىندا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھاراق ئىشلىتىش مەسىلىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر شەھەردە باشلامچىلىق بىلەن «ھاراق چەكلەش بۇيرۇقى» يولغا قويۇلۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق يىغىنلار ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن مېھمان كۈتۈۋېلىش ئىشلىرىدا بىردەك ھالدا سورۇنغا ھاراق قويۇلماسلىق ئېنىق كۆرسىتىلگەن. كېيىن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە تۈزىتىشنى ئېلىپ باردى، زۇنيى قاتارلىق جايلاردىمۇ «ھاراق چەكلەش بۇيرۇقى» يولغا قويۇلدى.

  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەر ئىچىدىن خاھىشلارنى تەھلىل قىلىش، يەنى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئىش باشلاپ، مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان ساھەلەرگە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش قىلىشقا يۈرۈش قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، گۈيجۇ ئۆلكىسى بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشكە كىرىشىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئالىي دەرىجىلىك ھاراقلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش، ئاساسى قاتلامدىكىلەرگە كاماندىروپكا خىراجىتى ۋە ياتاق خىراجىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە كەسپىي ئاپپاراتلاردا قائىدىگە خىلاپ ھالدا كىشىلەردىن قوشۇمچە ھەق ئېلىشى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ماجاڭ ئوينىشى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇستازىغا رەھمەت ئېيتىش زىياپىتى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش زىياپىتى قىلىش دېگەندەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر