باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودا ماشىنا ئادەم ئىختىساسلىقلىرى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلدى

2017.08.30 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29 - ئاۋغۇست سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگودا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم تېخنىكىسىنى قوللىنىش ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ۋە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ۋە سانائەتتە ماشىنا ئادەملەرنى قوللىنىشتىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئۇنى ئىلغار ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلاشتۇرىدىكەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 29- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇنۇلارنى ئاشىكارلىدى: 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخۇ شەھىرىدە 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سانائەت ماشىنا ئادىمى تېخنىكىسى ا بويىچە ئەمەلىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇسابىقىسى دېگەندەك كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇستىلارنى يېتىلدۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر