باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تېخنىكىلىق ئەمگەك قىممىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈلىدۇ

2017.08.31 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «دوختۇرخانىنى دورا بىلەن قامداش» دەۋرى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. دوختۇرخانىلار تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۆنىلىشىنى تەڭشىشى، داۋالاش خادىملىرىنى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىشى، شۇ ئارقىلىق تېخنىكىلىق ئەمگەك قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم.

  30-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايوننىڭ تېببىي دورا، داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىسى ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 22دە (بېيجىڭ ۋاقتى) دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇشنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن. دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن تۈزۈلگەن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق، كېمەيگەن قىسمى تولۇقلىنىدىكەن. يەنى بۇ كېمەيگەن قىسمىنىڭ %20نى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى كۆتۈرىدىكەن، %70ىنى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى داۋالاش مۇلازىمىتى ھەققى ئارقىلىق تولۇقلايدىكەن، %10ىنى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ھېسابلاشنى كۈچەيتىش ۋە تەننەرخنى تېجەش ئارقىلىق ئۆزى كۆتۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ يوڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھ قىلىشتىن ئىلگىرى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى داۋالاش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، دورىغا ئۈلۈش قوشۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىما پۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىدى. ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئەمدى دوختۇرخانىلارنىڭ كىرىم مەنبەسى داۋالاش مۇلازىمەت ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ياردىمىدىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق بولىدۇ.

  پېڭ يوڭ مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دورىلارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى تەڭشىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئەمگەك قىممىتى تېخىمۇ نامايان قىلىنىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر