خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى دېيىلىدۇ) چەۋەندازلىق مەيدانىدا توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش كوللېكتىپ مۇسابىقىسى تيەنجىن خۇۋەنيا ئات توپى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكىتىمىز بويىچە توققۇز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن 39 نەپەر تەنھەرىكەتچى چەۋەندازلىق مەيدانىدا توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش كوللېكتىپ مۇسابىقىسى ۋە چەۋەندازلىق مەيدانىدا توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش يەككىلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
قاتتىق ئېلىشقاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى چەۋەندازلىق مەيدانىدا توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىردى.
يەككىلەر مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى فەرۇس مەمەت تۇرسۇن ۋە مۇرئادىلجان ئابدۇل رېھىم قاتارلىق ئىككىيلەن نومۇر تارتىلماي مۇسابىقىنى تاماملاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەككىلەر مۇسابىقىسىنىڭ 2- ۋە 7- لىك نەتىجىلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى