- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان ساياھەت پويىزى 10- ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىق قاتنايدۇ
2017.08.30 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە 8- ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن ئېتىبارەن توختىتىلىدىغان پويىز، يەنى ئەسلىدە ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە قاتنايدىغان ساياھەت پويىزى، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ داۋاملىق قاتنايدىكەن.
ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان ساياھەت پويىزى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1- كۈنى تۇنجى قېتىم قاتنىغان بولۇپ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى قاتناشنى توختىتىش پىلانلانغان، ئەمما يولۇچىلار ئېقىمى مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى داۋاملىق قاتناشنى قارار قىلغان. قاتناشنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە: 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە قاتنايدىغان K4932/29 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدۇ؛ 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىدىن دۇنخۇاڭغىچە قاتنايدىغان K4931/30 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر دەل پاختا تەرگۈچىلەر شىنجاڭغا كېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى 9- ئاينىڭ 3-، 5-، 7-، 8-، 11-، 12-، 14-، 17-، 18-، 19- كۈنلىرى، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە قاتنايدىغان K6707 قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر