باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى

2017.08.31 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان. بۇ يىل 9-ئايدا ئوقۇش باشلانغاندا، بالىلار يېڭى سىنىپلارغا كىرىپ ئوقۇيالايدىكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يەسلىلىرىگە قارىتا «سېلىشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم سېلىش»، «يەسلىگە كىرىشگە تېگىشلىكى چوقۇم يەسلىگە كىرىش» نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يەسلى مائارىپى تارىخىي بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشكە قارىغاندا، 2017-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست ، شەھەر)لەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، 4387 يېزا يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرىنى بېكىتكەن. ئەمەلىي ئىش باشلانغان يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرى 4408 گە يەتكەن. ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەر 8 مىليارد 360 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغان. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «يەسلىگە كىرىشگە تېگىشلىكى چوقۇم يەسلىگە كىرىش» نىشانى بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىنغان بالىلارنىڭ سانى 1 مىليون 55 مىڭ 100 بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدا 1 مىليون 128 مىڭ 900 يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇشى ئۆز قەرەلىدە ئوروندىلىدىكەن. «13 ـ بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى بويىچە يېڭىدىن سېلىنىدىغان بارلىق يېزا قوش تىل بالىلار يەسلى قۇرۇلۇشى تۈرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر