باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2017.08.31 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 30-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 3-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ باش تېمىسى: « <كېسەك ئالتۇن> دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى». بۇ مەزگىلدە، يەنە «ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» باش تېمىسىدىكى گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى قاتارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 30-ئاۋغۇست جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، جۇڭگو يەنە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. 5 «كېسەك ئالتۇن» دۆلىتى ھەم مىسىر، گىۋېنىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان، تايلاند رەھبەرلىرى شيامېنغا جەم بولۇپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق بۈيۈك پىلانى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، جۇڭگو ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى شيامېن «خەلقئارا» يىغىن مەركىزىدە باشلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلەرنىڭ كىچىك دائىرىلىك يىغىنى، چوڭ دائىرىلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر