باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت شېئىرى قانۇنىغا 2-قېتىم قاراپ چىقىش لايىھەسىدە مۇنداق بەلگىلەندى

دۆلەت شېئىرى ھاقارەتلەنسە، جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2017.08.30 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت شېئىرى قانۇن لايىھەسى 28-ئاۋغۇست 2-قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى، 2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لاھىيەسىدە دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلەش قىلمىشىغا قارىتا جازالاش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى.

  2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە بەلگىلىنىشىچە، ئاممىۋى سورۇنلاردا دۆلەت شېئىرى تېكىستىنى يامان نىيەتتە ئۆزگەرتكەن، دۆلەت شېئىرىنى بۇرمىلىغان، كەمسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇندىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەت شېئىرىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىكەن ياكى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇلىدىكەن؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 1-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش، ئورۇنداش ۋە ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغان سورۇن ۋە ئەھۋاللارغا قارىتا، دائىمىي كومىتېتنىڭ بەزى ئەزالىرى ۋە تارماقلار سودا ئېلانىدا دۆلەت شېئىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانىدا ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. 2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە بۇنىڭغا قارىتا «دۆلەت شېئىرىنى تاۋار ماركىسى، سودا ئېلانىدا ئىشلىتىشكە ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شەخسىي دەپنە مۇراسىمى قاتارلىق مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سورۇنلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارقا كۆرۈنۈش مۇزىكىسى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشى ۋە ئورۇندىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، 2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە مۇنۇلار قوشۇپ بەلگىلەندى: دۆلەت پۇقرا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇۋاپىق سورۇندا دۆلەت شېئىرى ئوقۇش ۋە مۇزىكىسىنى چېلىش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت شېئىرى ئورۇندالغاندا، مەيداندىكى خادىملار ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇرۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى تەمكىن ۋە ئېغىر-بېسىق بولۇشى، دۆلەت شېئىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش قىلمىشى بولماسلىقى لازىم.

  دۆلەت شېئىرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2-قېتىملىق قاراپ چىقىش لايىھەسىدە مۇنداق بەلگىلەندى: دۆلەت شېئىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. دۆلەت شېئىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت شېئىرى ئېيتىشنى ئۆگىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت شېئىرىنىڭ تارىخى ۋە مەنىۋى مەزمۇنى ۋە دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىغاندىكى قائىدە-يوسۇنلار ئۆگىتىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر