باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە يېڭى بىر ئەۋلاد «يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچار پويىز» تەتقىق قىلىپ ياسىلىدۇ

2017.08.31 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئاۋغۇست ۋۇخەندە ئېچىلغان 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو (خەلقئارا) سودا ئالەم قاتنىشى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى سائەتلىك سۈرئىتى 1000 كىلومېتىر دەرىجىلىك «يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇچار پويىز»نى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان بولۇپ، ئاۋازدىن تېز «يەر يۈزىدە ئۇچۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  «يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچىدىغان پويىزنىڭ سۈرئىتى ئەنئەنىۋى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا قارىغاندا 10 ھەسسە، ھازىرقى يولۇچىلار ئايروپىلانىغا سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە ئاشۇرۇلغان، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 4000 كىلومېتىر/سائەت بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ قاتناش سۈرئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە بولغان ئىنتىلىشىدىكى بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدىكەن.

  جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچىدىغان پويىز» تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ: بىرىنچى قەدەمدە 1000 كىلومېتىر / سائەتلىك توشۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، رايون خاراكتېرلىك شەھەرلەرئارا ئۇچار پويىز قاتناش تورى قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ ئىككىنچى قەدەمدە 2000 كىلومېتىر / سائەتلىك تىرانسپورت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى شەھەرلەر توپى ئۇچار پويىز قاتناش تورى قۇرۇپ چىقىلىدۇ؛ ئۈچىنچى قەدەم 4000 كىلومېتىر / سائەتلىك توشۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇچار پويىز قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئالەم قاتنىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، يادرودىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر