- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگونىڭ نانو ئىلمى ۋە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى
ئېلىمىزنىڭ نانو پاتېنت تېخنىكىسىنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ
2017.08.31 15:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلغان 2017-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا نانو ئىلمى ۋە تېخنىكىسى يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ نانو ئىلىمى ۋە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا نەزەر ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى.
ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ نانو پەن-تېخنىكىسى ئىلمىي ماقالىسىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %24كە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1/3دىن ئارتۇق نانو پەن تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو نانو پاتېنت مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. كلارىۋاتېنىڭ دېرۋېنت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا، جۇڭگو نانو پاتېنتىدىن 209 مىڭ 344نى ئىلتىماس قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئومۇمىي مىقدارنىڭ %45نى ئىگىلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئىلتىماس قىلغان سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نانو پاتېنتى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلانغان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر