باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.08.31 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30-ئاۋغۇست گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش شەرتىگە ئىگە بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى كېڭەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىياق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش؛ ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان، قىسمەن رايونلار ئالاقىدار ئىسلاھاتنى ئاۋۋال يولغا قويۇپ ۋە ئاۋۋال سىناق قىلىپ، ئىجادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى بوغما ھالەتنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق تۈزۈم مۇھىتى ۋە ئادىل رىقابەت بازىرى مۇھىتى يارىتىش يولىدا ئىزدىنىپ پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ھازىر بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن، ئومۇملاشتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش كېرەك. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىر جايدا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇچۇر مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يادرو، باشلامچى ياكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلىنى رەنىگە قويۇشىنى قوللاپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن تەمىنلەپ، قەرز، سۇغۇرتا، مالىيە خەۋپ-خەتىرى تولۇقلىمىسى باغلانغان پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەدىتى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جانلىقلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېز قوغداش مەركىزىگە تايىنىپ، پاتېنتنى تېز تەكشۈرۈش، ھوقۇقنى بېكىتىش، ھوقۇقنى قوغداش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ يىللىق مائاش تۈزۈمى، كېلىشىم مائاش تۈزۈمى، تۈر مائاشى قاتارلىق جانلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ياكى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشىگە يول قويۇش، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتاتىنى ئۆلكە ئىچىدە بىر تۇتاش ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنۇتۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ خىزمەت قىلىش سەۋەبلىك تۇرۇشىنى دائىملىق تۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، رەسمىيەت بېجىرىش ۋە تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېلىمىزگە كېلىپ خىزمەت قىلىش ۋە چېگرىدىن كىرىش ئىجازىتىدە بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىىلش ۋە تارقىتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. چەت ئەللىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىمىزدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەر خىزمەت قىلىش ۋە تۇرۇش ئىجازىتىنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بەشىنچىدىن، دۆلەت باج ۋە يەرلىك باج بىرلىشىپ باج بېجىرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تېخى كېڭەيتىلمىگەن باشقا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناق قىلغان رايونلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلىشى ھەم ئومۇملاشتۇرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر