سۈرەتتە: ئىستۇدېنت ئىشچىلارغا تىل ئۆگىتىۋاتقان مەيداندىن كۆرۈنۈش.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز روزىھاجى نەزەر خەۋىرى) ئىشلەپچىقىرىش-قورۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شىسى پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ 8-ليەنىدىكى تەتىل قىلىپ كەلگەن ئىستۇدېنتلار ھەر كۈندىكى كەچلىك كۇرستىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ليەن تەۋەسىدىكى 200دىن ئارتۇق ئىشچىغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ، ئىشچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى