باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلار، ئامما تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىمەكتە

مەۋقەنى خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، تۆھپە قوشۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتايلى (پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى)

2017.09.04 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىن بولۇپ، بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن، ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

  قۇرۇلتاينىڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلىدىغانلىق خەۋىرى كادىرلار، ئاممىنى شادلاندۇرۇپ، ئۈمىد بېغىشلىدى، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئىرادىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  جاپالىق، ئەمەلىي، غەيرەت بىلەن ئىشلىگەندىلا، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو ئىشىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيە مۇھىم ھالقا. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى ۋە رەھبەرلىك كۈچى، چاقىرىق كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  خۇنەن «خۇاتيەن» سانائەت پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ خۇايۈەن ناھىيەسى شۇاڭلۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى ۋاڭ خېيۇ خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۈرلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەڭ قوللىنىپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەپ چۆرۈپ تاشلىدى.

  چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋەنجۇ رايونى گاۋلياڭ بازىرى كاڭشېڭ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى جۇ خۇڭبو مۇنداق دېدى: كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېتى» يۆلەيدىغان ئورۇنلار بىلەن بىرگە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىشلىدى، يۇرتداشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى بىر-بىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولدى، كەنتنىڭ قىياپىتىمۇ گۈزەللىشىپ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن دېھقانلار يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر