باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوشكۆۋرۈك كەنتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

2017.09.04 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنتىدىكى 200دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە كۈچەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بىرىشتەك ياخشى بولغان ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى بەرپا قىلىندى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدى. كەنت تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزلىرى تۈجۈپىلەپ تەييارلىغان يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ بىرلىكتە غىزالىنىپ، مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى نامايەن قىلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاممىسى بىرلىكتە ئۆزلىرى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يوقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنت ئاھالىسى ئايجامال ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئارىشىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇزۇندىن بۇيان كەنتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۈگۈن بىللە تاماق يەپ، بىرلىكتە ئۇيۇن كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇق. كەنتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

  بۇ كەنتتىكى ئەركىن ئابدۇۋەلى بىلەن ۋاڭ باۋخۇڭ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىنلا ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا ئىككى ئائىلە رەسمىي تۇغقان بولغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇردى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنت ئاھالىسى ئەركىن ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: مەن ۋاڭ باۋخۇڭ بىلەن رەسمىي ئۇرۇق-تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ باۋخۇڭ مېنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىمغا ياردەملەشتى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ياردەم بەردى. يازلىق يىغىم ئىشلىرىمغىمۇ ئالاھىدە ياردەم بەردى. مەن تۇغقىنىم ۋاڭ باۋخۇڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنت ئاھالىسى ۋاڭ باۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ھېيت-بايراملاردا ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۆيلىرىگە بارىمەن. ئۇ مېنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىمغا ياردەملىشىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن. ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.

  قوشكۆۋرۈك كەنتىدە 226 ئائىلە بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسى ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائاليىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قۇيۇقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئەمەلىي ئىش-پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، كەنت ناھىيە ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ باھالاندى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنت ئاھالىسى ئايجامال ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە تاماق يەپ، ھېيت-بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا خالىس ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ياشاپ كېلىۋاتىمىز. كەنتىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ بارلاق بولىدۇ، بىز بۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمىز.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى قوشكۆۋرۈك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى بىن مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسىي مەقسىتىمىز مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر