بۇ، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازىرىدىكى سايدا ئاپتاپقا سېلىنغان ئۈزۈملەر. (28- ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەت). خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىق 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلاشتى، شۇ جايدىكى ئۈزۈمچى دېھقانلار ئۈزۈم قۇرۇتۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۈزۈم قۇرۇتۇشقا جىددي كىرىشتى.
تۇرپان دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، 2016-يىلى ئۈزۈم مەھسۇلاتى 987 مىڭ توننا، قۇرۇق ئۈزۈم مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 130 مىڭ توننا بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى