- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 ئافغانىستانلىق بالا شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، ھەقسىز داۋالاندى
2017.09.04 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئاۋغۇست سائەت 18دە، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 ئافغانىستانلىق بالا ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقسىز داۋالاشنى قوبۇل قىلدى.
جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى، باش كاتىپى سۈن شۇپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ 21 ئافغانىستانلىق بالا جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى «يىپەك يولى بو ئەي فوندى» يولغا قويغان «‹پەرىشتە سەپىرى› __ بىر بەلباغ، بىر يول ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمار بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش پىلانى»نىڭ ياردىمىدە، جۇڭگوغا كېلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەقسىز داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ پىلاننىڭ 1-قارارىدا تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 100 بالا جۇڭگودا ھەقسىز داۋالىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر