شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەن چىشۈەن ئاياللار ئوقيا ئېتىش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-سېنتەبىر، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوقيا ئېتىش تۈرىنىڭ ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، شىنجاڭ كوماندىسى 6 دە 0 نەتىجە بىلەن سەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ، قىممەتلىك بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.
مىس مېدال تالىشىش جېڭىدە، سەنشى كوماندىسىدىن يۈ تىڭ ۋە لۈي نانىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق بولدى، بىراق 3-ئوقيادا ليۇ مىڭخۈي 7-ھالقىغا تەگكۈزدى، شىنجاڭ كوماندىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۆت ھالقا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە يەڭدى. 2-مەيدان مۇسابىقىدە، فىڭ يۈتىڭ 5-ھالقىغا تەگكۈزدى، لۈي نا بىلەن ليۇ مىڭخۈي گەرچە 10-ھالقىغا تەگكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پەرقنى قوغلاپ يېتەلمىدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئىككى مەيداندا 4 دە 0 ئۈستۈنلۈكتە تۇردى، 3-مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى 10-ھالقىغا تەگكۈزۈپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى