خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-سېنتەبىر كەچتە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەرلەر چوڭلار گۇرۇپپىسى ۋاسكېتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 1-مەيدان مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. 40 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جياڭسۇ كوماندىسىنى 107:84 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، گۇرۇپپىدىكى 1-مەيدان غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ياش ماھىر ئابدۇسالامنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئۇ پۈتۈن كوماندا بويىچە 24 ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان 11 توپنى تۇتۇۋېلىپ، تۆت پاس بەردى. جياڭسۇ كوماندىسى تەرەپتە، يى لى 21 نومۇر ئېلىپ، تۆت پاس بەردى، خېڭ يىفېڭ 17 نومۇر ئېلىپ، گاردىن قايتقان بەش توپنى تۇتۇۋالدى، يۈ شياڭ 16 نومۇر ئېلىپ، بەش پاس بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى