9- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ئاۋدرېي خېپبۇرننىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلانغان شەخسى بۇيۇملىرىنى سۈرەتكە ئالماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، داڭلىق كىنو چولپىنى ئاۋدرېي خېپبۇرننىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلانغان شەخسى بۇيۇملىرى شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى شياڭگاڭدىكى جياشېدې كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودا ئورنى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن. كۆرگەزمىدە خېپبۇرننىڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن، ساقلىغان ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ قەدىرلىگەن نەرسىلىرى بار بولۇپ، بۇ نەرسىلەردە بۇ كىنو چولپىنىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئويۇن قويۇش مۇساپىسى خاتىرىلەنگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن خېپبۇرننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئىگە قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت تۇنجى قېتىم شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنىشى ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن لوندوندا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى