باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ

2017.09.04 09:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017- يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ زېڭۋېي 9- ئاينىڭ 2- كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا يانداش ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017- يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، 9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ 4- كۈنى چۈشكىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ.

  جياڭ زېڭۋېي كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى ئاخبارات مەركىزىدە، 2017- يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى بويىچە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ، ئاخبارات مەركىزى ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

  جياڭ زېڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل سودا- سانائەت مۇنبىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى 10 يىلىغا توغرا كەلدى، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىغا سازاۋەر بولدى. بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، مىسىر، گىۋىنېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ ھەم نۇتۇق سۆزلەيدۇ ياكى قارالما مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىدۇ.

  جياڭ زېڭۋېي مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1200گە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سودا- سانائەت ساھەسىدىن 1069 كىشى بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئاساسەن تەڭ. بۇ مۇنبەرگە 632 كارخانا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كارخانىسى 372، چەت ئەل كارخانىسى 260. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كارخانىلىرىدىن سىرت، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق كارخانىلىرىمۇ مۇنبەرگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 80 كارخانا قاتنىشىدۇ. كەسىپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپ كارخانىلىرىدىن باشقا، يەنە بىيولوگىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپ ۋەكىللىكىدىكى كارخانىلارمۇ بار. كارخانىلار مۇنبەرگە قاتنىشىشقا بەس- بەستە تىزىملاتتى، بۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ ئارتۇق بولدى. بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ كۆلىمى، قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يول ئېچىش» دېگەن باش تېما چۆرىدىلىنىپ، «سودا ۋە مەبلەغ سېلىش»، «پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات»، «ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش»، «كۆك رەڭلىك ئىقتىساد»تىن ئىبارەت 4 قارالما تەسىس قىلىنغان.

  جياڭ زېڭۋېي مۇنداق دېدى: مۇنبەردە سودا- سانائەت ساھەسىنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، سودا- سانائەتچىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە پايدىلىنىدىغان قىممىتى بار سىياسەت- تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم يۈرۈشلۈك پائالىيەت بولۇپ، 2010- يىلى قۇرۇلغان، بۇ مۇنبەرنى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەئىس دۆلىتى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ مۇنبەر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەتچىلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدىغان، دىققەتنى ھەمكارلىق، ئورتاق تونۇشقا مۇجەسسەملەيدىغان، سىياسەت − تەكلىپ تەۋسىيە بېرىدىغان مۇھىم سۇپا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر