3-سېنتەبىر سائەت 23تىن 6 مىنۇت ئۆتكەندىكى مۇسابىقە مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-سېنتەبىر كەچتە، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تيەنجىن شەھىرىنىڭ دوڭلى تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلدى. تۆت چارەك كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن 72:74 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان كوماندا تيەنجىن كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا گاڭگىراپ قالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار رەقىبى بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ بۇنداق كەسكىن بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ياكى تەييارلىقى تولۇق ئەمەس ئىدى، مۇداپىئەدە قايتا-قايتا قارشى تەرەپتىن يېڭىلىپ، نومۇردا ئىزچىل تيەنجىن كوماندىسىنىڭ ئارقىدا قالدى. 4-چارەك مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن يۈ چاڭدۇڭ ھۇجۇم ئاتاكىسىغا ئۆتۈپ، ئىچكى سىزىقدا تۇرۇپ كەينى-كەينىدىن 16 نومۇر ئېلىپ، نومۇر پەرقىنى ناھايىتى يېقىن ئەكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا 72:74 نومۇر بىلەن ساھىبخان كوماندا تيەنجىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلى، يۈ چاڭدۇڭ، قىران بەكىر، ئابدۇسالام تۆتى جەمئىي 68 نومۇر ئالدى.
4-سېنتەبىر كەچتە، شىنجاڭ كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى