خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 3- سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن چۈنلەن قاتناشتى.
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئاچقان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق تارىخىي سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىدىن كەلگەن ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئوقۇغۇچى ياشلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئوخشمىغان نۇقتىدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. كۆپچىلىك: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى