باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى شيامېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.08.31 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاڭ 30-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئالتۇن كېسەك ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 3-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئالتۇن كېسەك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى يارىتىش»-ئۇچرىشىشنىڭ باش تېمىسى بولىدۇ. ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، يەنە «ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالتۇن كېسەك ئەللىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى قاتارلىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر