- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، ئۆزئارا زىيارەتتە بولىدۇ
2017.09.04 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 3- سېنتەبىردىكى باياناتىدا، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزئارا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، بىراق زىيارەت قىلىدىغىنى پەقەت شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەسلىدىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى بولىدىغانلىقى ئېيتىلدى.
بۇ، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2016-يىلى 1-ئايدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆزئارا دىپلوماتىيە زىيارىتى قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باغرام قاسىمنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆزئارا زىيارەت ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
باغرام قاسىمنىڭ دېيىشىچە: «ئىران ئاللىقاچان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋىزا تارقىتىپ بەرگەن، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار تېخى يولغا چىقمىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، «مەككىدىكى ھەج - تاۋاپ قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىدىكەن». بۇ يىل مەككىدىكى ھەج - تاۋاپ قىلىش 9-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدىكەن.
2016-يىلى 2-يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنىپ، 47 جىنايەتچى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، شىئە مەزھىپىدىكى داڭلىق دىنىي زات نايمېرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئىراندا شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇ كۈنى كەچتە ئىراندىكى نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. 3-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر