باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بىرلىشىپ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتايلى

— رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا (1)

2017.09.04 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنتەبىر ئايلىرىغا قەدەم قويغان شيامېن رەڭمۇرەڭ گۈللەرگە پۈركۈنۈپ، دەل-دەرەخلەر بۇكباراقسان ئۆسۈپ، ھەممە جاي قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بۇ جايدا باشلاندى. خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا تۇراقسىزلىق پەيدا بولغان ئەھۋالدا، دۇنيا «كېسەك ئالتۇن ساداسى» غا مۇھتاج بولىۋاتىدۇ، كىشىلەر «جۇڭگو لايىھەسى» گە تەشنا بولىۋاتىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىككى تەرەپتىن ئىگىلەپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ قولغا كەلتۈرگەن گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئىلھام ئۇچقۇنلىرىنى ئەتىراپلىق خۇلاسلىدى ھەمدە «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىل» نى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگونىڭ دۇنيا تېنچلىقى بىلەن تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جاكارلىدى. بۇ مۇھىم نۇتۇقتا، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىدىكى دەۋر مەسىلىسىگە جاۋاپ بېرىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە دادىللىقى نامايەن قىلىندى، بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئالىي مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە زور دىققەت قوزغىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر